ug

From: Ubuntu One ئەترىتى <ubuntuone-support@canonical.com>
To: ubuntuone-support@canonical.com
Subject: رەقەملىك ھاياتىڭىزنى Ubuntu One بىلەن بىرلەشتۈرۈڭ

Evolution رەقەملىك تۇرمۇشىڭىزنى بىرلەشتۈرگۈچى شەخسى قاپچۇق -- Ubuntu One بىلەن تېخىمۇ قۇلايلىق.

Ubuntu One ھۆججەتلىرىڭىزنى رەتلەپلا قالماستىن ئۇ ئارقىلىق يەنە ھەرقانداق ۋاقىتتا ئالاقە ئۇچۇرلىرىڭىز، ئەسلەتمىلىرىڭىز ياكى خەتكۈچلىرىڭىزنى ھەرقانداق بىر كومپيۇتېر ياكى توردا كۆرەلەيسىز، قاپچۇققا بىرلەشتۈرگەن مۇزىكا ئامبىرىڭىزدا ئامراق ناخشىلىرىڭىزدىن ھۇزۇرلىنالايسىز ياكى پۈتۈن مۇزىكا توپلىمىڭىزنى iPhone ياكى Android يانفونىدا ئاڭلىيالايسىز. تېخىمۇ كۆپ مەزمۇن بۇ ئادرېستا:

http://one.ubuntu.com/

Ubuntu One ئابونتىغا تىزىملىتىپ بولدىڭىزمۇ؟
ئۇنداقتا كومپيۇتېرىڭىزنى Ubuntu One كونترول تاختىسىدا ئابونتىڭىزغا قوشۇڭ.

«Ubuntu One»  ئادرېس دەپتىرىڭىزدىكى بارلىق ئالاقە ئۇچۇرلىرى شەخسى قاپچۇقىڭىزدىكى ئۇچۇرلار بىلەن ئاپتوماتىك يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. Evolution ياكى Ubuntu One تور بىتى ئارقىلىق ئالاقە ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئاسانلا كۆرەلەيسىز ھەم ئۆزگەرتەلەيسىز. Ubuntu One يەنە سىزنىڭ Evolution دىكى ئالاقە ئۇچۇرلىرىڭىزنى يانفونىڭىزدىكى ئۇچۇرلار بىلەن ماسلاشتۇرۇپ تۇرىدۇ.

ئالاقە ئۇچۇرلىرىڭىزنى Ubuntu One دىكى ئادرېس دەپتىرىڭىزگە كۆچۈرۈش، يۆتكەش ھەققىدە بىلمەكچى بولسىڭىز، توردىكى كۆرسەتمىلەرگە ۋە سوئال-جاۋابلارغا قاراڭ، ئادرېسى:

https://wiki.ubuntu.com/UbuntuOne/Tutorials/
https://wiki.ubuntu.com/UbuntuOne/FAQ/

ياردەم لازىم بولسا ياكى خاتالىق مەلۇم قىلماقچى بولسىڭىز Ubuntu One قوللاش بېتىدىكى تاللاشلارغا قاراڭ:

https://one.ubuntu.com/support/

رەھمەت سىزگە.
Ubuntu One ئەترىتى

http://one.ubuntu.com/ 

Translations/Wanted/UbuntuOneEmail/ug (last edited 2010-09-07 23:43:16 by dnsx)